ئەردوغان بايدىن بىلەن ف—35 كۈرەشچى ئايروپىلانلار مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان (تۈنۈگۈنكى) بىر كۈنلۈك ئەزەربەيجان زىيارىتىدىن قايتىۋېتىپ ئايروپىلاندا مۇخبىرلار بىلەن كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى.

1725809
ئەردوغان بايدىن بىلەن ف—35 كۈرەشچى ئايروپىلانلار مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شوتلاندىيەنىڭ گلاسگوۋ شەھىرىدە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم تېمىسى ئەلۋەتتە F-35  (كۈرەشچى ئايروپىلانلار مەسىلىسى) بولىدۇ» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان (تۈنۈگۈنكى) بىر كۈنلۈك ئەزەربەيجان زىيارىتىدىن قايتىۋېتىپ ئايروپىلاندا مۇخبىرلار بىلەن كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى.

ئەردوغان زىيارىتى جەريانىدا ئەزەربەيجاننىڭ (30 يىلغا يېقىنن داۋاملاشقان ئەرمەن ئىشغالىدىن) ئازاد قىلىنغان يەرلەرنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىش، ھەمدە رايوننىڭ ئىقتىسادىي يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ چىقىرىش ۋە يېڭى قاتناش لىنىيەلىرىگە دائىر پائالىيەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىراننىڭ ئەزەربەيجاننىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان سودا ھەمكارلىقىغا بىلدۈرگەن ئىنكاسى توغرىسىدا توختالغان ئەردوغان، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بىر - بىرىنىڭ قارار مېخانىزىمىغا تەسىر كۆرسەتمەسلىكى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، ئىراننىڭ بۇ يەردە ئاقىلانە ھەرىكەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، 10 باش ئەلچىنىڭ تۈرمىدىكى ئوسمان كاۋالانى قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى چاقىرىقى ۋە ئۇنىڭغا قارىتا تۈركىيەنىڭ بىلدۈرگەن ئىنكاسى توغرىسىدا توختىلىپ: «بىز باسقان بۇ قەدەم بىراۋغا كۈچ كۆرسىتىش ئەمەس، پەقەت تۈركىيەدە ئىشلەۋاتقان باش ئەلچىلەرنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقىنى (كاپالەتلەندۈرۈشتۇر). ھەر قانداق باش ئەلچىنىڭ ئۆزى ئىشلەۋاتقان دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق» دېدى.

ئەردوغان بۇ مەسىلە توغرىسىدىكى ئامېرىكا گېزىتلىرىنىڭ ماۋزۇلىرىغا باھا بېرىپ: «مېنىڭ كىتابىمدا كەينىگە چېكىنىش يوق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىن بىلەن گلاسگوۋدا ئۆتكۈزىدىغان ئۇچرىشىشىغا ئىشارەت قىلىپ: «ئەلۋەتتە، بىزنىڭ بۇ ئۇچرىشىشتىكى ئەڭ مۇھىم تېمىمىز F-35 مەسىلىسى. F-35 ئۈچۈن 1 مىليارد 400 مىليون دوللار پۇل تۆلىدۇق. ئۇلار بىلەن بۇ پۇلنىڭ بىزگە قانداق قايتۇرۇلىدىغانلىقى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكانىڭ تۈركىيەگە F-16 ئايروپىلانى بېرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى بىر قىسىم ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن ئەردوغان: «بىز تاپشۇرۇۋالغان ئۇچۇر شۇكى، ئۇلارنىڭ بۇ ئىش ئارقىلىق (F-35 نىڭ پۇلىنى) تۆلەش پىلانى بار. بۇ راستمۇ ياكى ئەمەسمۇ؟ ئۇلاردىن سوراپ بىلىمىز. ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە، ئەلۋەتتە، بۇ ئىش توغرىسىدا مېنىڭ بايدىن بىلەن سۆزلىشىشىم توغرا بولىدۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق بولسا، شۇنىڭغا ماس ھالدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان بولىمىز» دېدى.

ئەردوغان يەنە، تۈركىيەنىڭ  تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنى دۆلەت ئىچى - سىرتىدا قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر