چاد جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇۋەققەت پىرېزىدېنتى ئىتنو بۈگۈن تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

چاد جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇۋەققەت پىرېزىدېنتى ئىدرىس دېبى ئىتنو تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

1725481
چاد جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇۋەققەت پىرېزىدېنتى ئىتنو بۈگۈن تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، چاد جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇۋەققەت پىرېزىدېنتى ماھامات (مۇھەممەد) ئىدرىس دېبى ئىتنونىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۈگۈن تۈركىيەگە كېلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، زىيارەت دائىرىسىدىكى ئۇچرىشىشلار جەريانىدا، تۈركىيە-چاد مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك كۆزدىن كەچۈرۈلىدىغانلىقى ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

ئۇچرىشىشلاردا، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتتىن باشقا، «G5 ساھىل» ۋە «سەھرايى كەبىر دۆلەتلىرى جەمئىيىتى»نىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان چادتىكى ئۆتكۈنچى مۇساپە بىلەن بىرلىكتە رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇلۇشىنىڭ پىلانلىنىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر