ئايۋاجىكتا 35 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

چاناققەلئەنىڭ ئايۋاجىك ناھىيەسىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە 35 كۆچمەن ساھىل بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1724967
ئايۋاجىكتا 35 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قانۇنسىز يوللار بىلەن گىرېتسىيەنىڭ مىندىللى ئارىلىغا ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان بىر توپ كۆچمەن ئولتۇرغان قولۋاقنىڭ موتورىدىن كاشىلا چىققان.

كۆچمەنلەر قولۋاقنىڭ دېڭىزدا باشقا ياققا لەيلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان. نەتىجىدە، قولۋاقتىكى ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىن كەلگەن 35 كىشى ساھىل بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان.

قانۇنسىز كۆچمەنلەر مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى ئۆتىگەندىن كېيىن، ئايۋاجىكتىكى چەت ئەللىكلەرنى قايتۇرۇش مەركىزىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر