ئىزمىر، ئايدىن ۋە مۇغلا ۋىلايەتلىرىدە نۇرغۇن تەرتىپسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

ئىزمىر، ئايدىن ۋىلايەتلىرى ۋە مۇغلا ۋىلايىتىنىڭ داتچا ناھىيەسى دېڭىز ساھىللىرىدا گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ سۇ تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 106 تەرتىپسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1723407
ئىزمىر، ئايدىن ۋە مۇغلا ۋىلايەتلىرىدە نۇرغۇن تەرتىپسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئىنتېرنېت تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، رادار ئارقىلىق، ئىزمىر ۋىلايىتىنىڭ چەشمە ناھىيەسى دېڭىز ساھىلىدا بىر گۇرۇپپا تەرتىپسىز كۆچمەن ئېنىقلاپ چىقىلغاندىن كېيىن، ساھىل بىخەتەرلىك ئەترەتلىرى، دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ،  گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ سۇ تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 28 تەرتىپسىز كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالغان.

ساھىل بىخەتەرلىك ئەترەتلىرى، ئايدىن ۋىلايىتىنىڭ قۇشئاداسى ناھىيەسى مىللىي باغچىلار رايونىدىمۇ بىر گۇرۇپپا كۆچمەننىڭ كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ سۇ تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن ۋە ئۆز ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ قۇرۇقلۇققا چىققان 11  تەرتىپسىز كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالغان.

ئەترەتلەر يەنە، مۇغلا ۋىلايىتىنىڭ داتچا ناھىيەسى دېڭىز ساھىلىدا 3 كېمىدە بىر گۇرۇپپا تەرتىپسىز كۆچمەننىڭ كۆرۈلگەنلىكىدىن  خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ سۇ تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 67 تەرتىپسىز كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالغان.

قۇرۇقلۇقلۇققا چىقىرىلغان تەرتىپسىز كۆچمەنلەر، رەسمىيەتلىرىنىڭ تاماملىنىشىدىن كېيىن، ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر