ئامېرىكانىڭ يېڭى ئەنقەرە باش ئەلچىسى رەسمىي ۋەزىپىگە تەيىنلەندى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى جېف فلەك (Jeff Flake) نىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى تەستىقلىدى ۋە قارارنى كېڭەش ئومۇمىي كېڭىشىگە ئەۋەتتى.

1722184
ئامېرىكانىڭ يېڭى ئەنقەرە باش ئەلچىسى رەسمىي ۋەزىپىگە تەيىنلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېڭەش پالاتاسىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى ئېلان قىلغان باياناتتا، پىرېزىدېنت جو بايدىن ھۆكۈمىتى بەزى دۆلەتلەردىكى ئەلچىخانا ۋە ۋاكالەتخانىلىرىغا نامزات كۆرسەتكەن كىشىلەرنى كومىتېتنىڭ تەستىقلىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا ئېلان قىلىنغان تىزىملىكتە بەزى دائىمىي ۋەكىللەردىن باشقا ئىسمى بار باش ئەلچىلەر ئارىسىدا ئامېرىكانىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىلىكىگە نامزات كۆرسىتىلگەن جېف فلەكمۇ بار ئىدى.

جېف فلەك جۇمھۇرىيەتچىلەردىن بولسىمۇ، 2020-يىلدىكى سايلامدا دېموكرات جو بايدىننى قوللىغان ئىدى. ئۇ 2013-2019-يىللىرىدا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى، 2001-يىلدىن 2013-يىلىغىچە ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان ئىدى.

ئۇ 2019-يىلدا سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ سىياسىتىگە قارشى ئىكەنلىكىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، كېڭەش پالاتاسىدىن پېنسىيەگە چىققان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر