ئەردوغان: ئىزىلگۈچىلەر نامىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان  كۈرەشنى يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئىرادىمىز قەتئىي

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بارلىق ئېزىلگۈچىلەر ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار نامىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىيلىكىنى بىلدۈردى.

1721855
ئەردوغان: ئىزىلگۈچىلەر نامىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان  كۈرەشنى يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئىرادىمىز قەتئىي

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «2021 – يىللىق < TRT World > مۇنبىرى» يىغىنىغا يوللىغان سىنلىق تېلېگراممىسىدا، ئىنسانىيەتنىڭ يېقىندىن بۇيان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئىنسانىي تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ناھايىتى كەڭ دائىرىلىك ساغلاملىق كرىزىسىگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ جەرياندا ئوتتۇرىغا چىققان ئۆزگىرىشلەرنىڭ، بۇنىڭدىن كېيىن دۇنيادا ھېچقانداق بىر ئىشنىڭ ئىلگىرىكىگە ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكىنى،  پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ كېلەچىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان بۇ كرىزىس ئالدىدا، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە ئادالىتىگە كاپالەتلىك قىلىشقا مەسئۇل ئورگانلارنىڭ يەنە بىر قېتىم سىناقتىن ئۆتەلمىگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تەرەققىي قىلالمىغان دۆلەتلەر ۋە نامرات جەمئىيەتلەر ئۆز تەقدىرىگە تاشلاپ قويۇلدى، سودىدا قورۇقچىلىق كۈچىيىپ، تەمىنلەش زەنجىرلىرى بۇزۇلدى، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار بىلەن بىرلىكتە، غەرب دۆلەتلىرىدە ئۆچمەنلىك جىنايەتلىرى قورقۇنچلۇق دەرىجىگە بېرىپ يەتتى، ياۋروپالىق سىياسىيونلار، جەمئىيەتلەرنى خۇددى راك ھۈجەيرىسىگە ئوخشاش قورشاپ تۇرۇۋاتقان ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى  كۈرەش قىلىشنىڭ ئورنىغا، بۇنى سۇيىئىستېمال قىلىش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، ئۇنى سىياسىي پايدىغا ئايلاندۇرۇش ۋە سايلاملاردا ئاۋازغا ئېرىشىش يولىنى تاللىماقتا.»

دۇنيادىكى مەۋجۇت تۈزۈمنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئادالەت ۋە مۇقىملىق بەرپا قىلالمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئىسلام دۇنياسىدا سۆز ھەققى بولمىغان، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي ئاسىيانىڭ تەلەپلىرى نەزەرگە ئېلىنمايدىغان، پەقەت كۈچنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان بەش دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىلا نەزەرگە ئېلىنىدىغان بۇ تۈزۈمنىڭ ھازىرقى قۇرۇلمىسى بويىچە داۋاملىشالىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ ئىسلاھات ئېھتىياجىغا ئەمدى سەل قاراشقا بولمايدۇ.»

تۈركىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ ئىسلاھات  ئېھتىياجىنى كۆپ يىللاردىن بۇيان «دۇنيا بەشتىنمۇ چوڭ» تەرىقىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دېدى: «بارلىق ئېزىلگۈچىلەر ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار نامىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئىرادىمىز قەتئىيدۇر.»

ئۇ يەنە، ئىنسانلارنى مەركەز قىلىدىغان، ئادالەت ۋە ھەققانىيەتنى ئالدىنقى پىلانغا قويىدىغان، كۈچلۈكلەر ھەققانىيەتچى دەپ قارىلىدىغان ئەمەس، ھەققانىيەتچىلەر كۈچلۈك بولغان يەر شارى تەرتىپى قۇرۇلغانغا قەدەر ئىزچىل كۈرەش قىلىدىغانلىقلىرىنىمۇ  سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر