ئەردوغان: قىزلار بىزنىڭ پۈتكۈل بايلىقىمىزدۇر
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 11 – ئۆكتەبىر «خەلقئارا قىزلار بايرىمى» كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.
1717998
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، 11 – ئۆكتەبىر «خەلقئارا قىزلار بايرىمى» كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، قىزلار بىلەن بىرلىكتە تارتىلغان فوتو سۈرەتلىك ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «قىزلار بىزنىڭ پۈتكۈل بايلىقىمىزدۇر، ئىشلەۋاتقان خىزمەتلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئۇلارغا تېخىمۇ پارلاق بىر كېلەچەك مىراس قالدۇرۇش ئۈچۈندۇر.»