تۈركىيە - ئىران سىياسىي كېڭەش يىغىنى پايتەخت ئەنقەرەدە چاقىرىلدى

تۈركىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي كېڭەش يىغىنلىرى ئاخىرلاشتى.

1717055
تۈركىيە - ئىران سىياسىي كېڭەش يىغىنى پايتەخت ئەنقەرەدە چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى — تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، كېڭەش يىغىنىنىڭ تۈركىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باش ئەلچى سەدات ئۆنال بىلەن ئىراننىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى باگەرى كەنىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

مەزكۇر ئۇچۇردا: «كېڭىشىش جەريانىدا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىمىز مۇزاكىرە قىلىندى، ئۇنىڭدىن باشقا سۈرىيە، ئافغانىستان، كاۋكاز ۋە يەمەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايون ۋە خەلقئارالىق تەرەققىياتلار ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر