تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىقى خاتىرىلەندى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بېرىلغان تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ئىككىنچى يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى.

1717114
تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىقى خاتىرىلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىغا چىقىرىلغان سىن كۆرۈنۈشلۈك تېلېگراممىدا: «تىنچلىقنىڭ نامى مەھمەتچىك (تۈرك ئەسكىرى). تىنچلىق، بىخەتەرلىك ۋە خاتىرجەملىكنى ساقلاش ئۈچۈن ئالاھىدە قەھرىمانلىق ۋە پىداكارلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ئىككىنچى يىلىدا قەھرىمان شېھىتلىرىمىزغا ئاللاھتىن مەغپىرەت، قەھرىمان غازىلىرىمىزغا سالامەتلىك ۋە بەختلىك ئۇزۇن ئۆمۈرلەر تىلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

سىن كۆرۈنۈشىدە، تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدكى توقۇنۇشلاردا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان پۇقرالارنىڭ ياردەم چاقىرىقلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ رايوندا ئېلىپ بارغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ۋە ياردەم بېرىش جەريانلىرىغا دائىر كۆرۈنۈشلەر ئورۇن ئالدى.

سىن كۆرۈنۈشىدە يەنە، رايوندىكى ئاھالىنىڭ تۈركىيە ئارمىيەسىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن سۆزلىرىگىمۇ ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر