تۈركىيە ۋاكسىنا ئەملەش جەھەتتە دۇنيا بويىچە يەتتىنچى بولدى
تۈركىيە كوۋىد – 19 ۋاكسىنىسى ئەڭ كۆپ ئەملەنگەن دۆلەتلەر ئىچىدە دۇنيا بويىچە يەتتىنچى بولدى.
1716600
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، تۈركىيەنىڭ كوۋىد - 19 گە قارشى ئەڭ كۆپ ۋاكسىنا ئەملەتكۈزگەن دۆلەتلەر ئىچىدە دۇنيا بويىچە 7- ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، بۇ مۇۋەپپەقىيەتنىڭ سەھىيە خادىملىرىنىڭ سەمىمىي ۋە ئۆزگىچە تىرىشچانلىقىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ھازىرغا قەدەر تۈركىيەدە جەمئىي 111 مىليون 723 مىڭ 693 قۇتا ۋاكسىنا ئەملىنىپ بولدى.