«كېلەر يىلى مىللىي ئېلېكتىرىك پاراۋۇز ئىشلەپچىقىرىشنى باشلايمىز»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كېلەر يىلى مىللىي ئېلېكتىرىك پاراۋۇز ئىشلەپچىقىرىشنى باشلايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1716878
«كېلەر يىلى مىللىي ئېلېكتىرىك پاراۋۇز ئىشلەپچىقىرىشنى باشلايمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىستانبۇل  ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىدا چاقىرىلغان «12 – نۆۋەتلىك 12-قاتناش ۋە ئالاقە كېڭىشى» يىغىنىدا  قىلغان سۆزىدە، تۈركىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن،  يېقىنقى 19 يىلدا قاتناش ۋە خەۋەرلىشىش ساھەسىگە 1 تىرىليون لىرا مەبلەغ سالغانلىقلىرىنى، تۆمۈر يولى سېلىنمىلىرىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «12 مىڭ 803 كىلومېتىرلىق تۆمۈر يول لىنىيەسىنى باشتىن - ئاخىر تولۇق يېڭىلىدۇق، مەۋجۇت لىنىيەلەردىكى سىگنال بېرىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، مەملىكىتىمىزدە تۇنجى قېتىم يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز لىنىيەسىنى ئىشقا كىرىشتۈردۇق، ئۇزۇنلۇقى 3500 كىلومېتىر كېلىدىغان يېڭى تۆمۈر يول لىنىيەمىزنىڭ قۇرۇلۇشى داۋاملاشماقتا. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، كېلەر يىلى مىللىي ئېلېكتىرىك پاراۋۇز ئىشلەپچىقىرىشنى باشلايمىز، مېترو، پويىز ۋە ترامۋايلارنىمۇ ئۆزىمىز ئىشلەپچىقارالايدىغان سەۋىيىگە يېتىۋاتىمىز.»

دۆلەت مىقياسىدىكى ئايرودۇرۇملارنىڭ سانىنى 26 دىن 56 گە يەتكۈزگەنلىكلىرىنى  ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئۇدا 3 يىلدىن بۇيان مۇلازىمەت قىلىۋاتقان ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىمىز، دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايرودۇرۇملار ئارىسىدا ئىككىنچى، ياۋروپادىكى ئەڭ ئاۋات ئايرودۇرۇملار تىزىملىكىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.»

دۆلەتنىڭ تاشقى سودىسىدىكى دېڭىز تىرانسپورتىنىڭ ئۈلۈشىنى 4 ھەسسە ئاشۇرغانلىقلىرىنى قەيت قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، كېمىسازلىق سانائىتى، سەيلە كېمىسى ياساش ۋە خەۋەرلىشىش ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشتا ناھايىتى زور ئىلگىرىلەشلەرنى ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىنتېرنېت ساھەسىدە ھەر ساھە ئورگانلىرىمىز ۋە خەلقىمىزگە مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈۋاتىمىز، 5G نى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېلەچەكنىڭ تېخنولوگىيەلىرىدە مىللىيلىك ۋە يەرلىكلىك نىسبىتىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز، ۋاقىتتىن يېقىلغۇغا قەدەر ھەممە جەھەتتىن بىزنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىدىغان تېجەشلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق قاتناش سىستېمىسىنى يولغا قويۇش ئىرادىمىز قەتئىيدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر