مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ ئۇكرائىنادا

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن ئۇكرائىنانىڭ لۋىۋ شەھىرىدە ئۇكرائىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرى دىمىترو كۇلېبا بىلەن كۆرۈشتى.

1716345
مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ ئۇكرائىنادا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيە – ئۇكرائىنا  9 – نۆۋەتلىك قوشما ئىستىراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈش گۇرۇپپىسى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۇكرائىناغا يېتىپ باردى.

لۋىۋ ئايرودۇرۇمىدا تۈركىيەنىڭ كىيېۋ باش ئەلچىسى يامغۇر ئەھمەد گۈلدەرە تەرىپىدىن قارشى ئېلىنغان مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ،  ئۇكرائىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرى دىمىترو كۇلېبا بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئىككى مىنىستىر كېيىنچە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئوتتۇرىسىدىكى 2022 – 2023 – يىللىق مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنلىرى پىلانىنى ئىمزالىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر