ئىراقنىڭ شىمالىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1715427
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھاقۇرق رايونىدا ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.
يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتى داۋامىدا، 2012 – يىلى ھاققارى داغلىجادا يۈز بەرگەن ۋە 8 ئەسكەر شېھىت بولۇپ كەتكەن ھۇجۇمغا قاتناشقۇچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان «دوختۇر رودى» لەقەملىك تېررورچى ئۆزجان يىلدىز بىر تەرەپ قىلىندى.