«تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەر ئىككى تەرەپكە ناھايىتى پايدىلىق»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ھەر ئىككى تەرەپكە ناھايىتى پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1712381
«تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەر ئىككى تەرەپكە ناھايىتى پايدىلىق»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدىكى دۆلەت سارىيىدا بىر يەرگە جەم بولدى.

ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىش، 2 سائەت 45 مىنۇت داۋاملاشتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئۇچرىشىش ھارپىسىدا بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئوخشىمىغان شەكىلدە تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ نۆۋەتتە ناھايىتى يۈكسەك سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، بولۇپمۇ ساياھەت ساھەسىدە قوللىغانلىقى ئۈچۈن پىرېزىدېنت پۇتىنغا رەھمەت ئېيتىمەن.»

رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتقان «مەرسىن ئاققۇيۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى» توغرىلىقمۇ توختالغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «كېلەر يىلى قۇرۇلۇشنىڭ بىرىنچى  سېخىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشىمىز مۇمكىن.»

دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ساھەسىدە تۈركىيە بىلەن رۇسىيە بىرلىكتە تاشلاۋاتقان قەدەملەر توغرىلىقمۇ توختالغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنى كۈنسېرى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەدە تەرەققىي قىلغان ھالدا داۋاملاشتۇرۇشىمىز ھەر ئىككى تەرەپكە ئىنتايىن پايدىلىقتۇر، سۈرىيە مەسىلىسىدە بىرلىكتە تاشلاۋاتقان قەدەملىرىمىز ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە، سۈرىيەدە تىنچلىق ئورنىتىشمۇ يەنە تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىگە باغلىقتۇر.»

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، مۇنداق دېدى: «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلىرىمىز ھەمىشە ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ، لېكىن مۇناسىۋەتلىك ئورگان ھەم ئورۇنلىرىمىز بىردەكلىك ھاسىل قىلالايدۇ، تۈركىيەنىڭ رۇسىيەگە سالغان مەبلەغلىرى 1.5 مىليارد دوللارغا، رۇسىيەنىڭ تۈركىيەگە سالغان مەبلەغلىرى بولسا 6.5 مىليارد دوللارغا يېتىدۇ، چوڭ تىپتىكى لايىھەلەرنىڭ ھەممىسى پىلانلىق شەكىلدە داۋاملاشماقتا. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، قاراباغ مەسىلىسىدە ھەمكارلىقىمىز ھەم ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ھەمدە كەلگۈسىدە ئۇزاق مەزگىللىك تىنچلىق ئورنىتىش جەھەتتىن ناھايىتى مۇھىمدۇر، تۈركىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىز، خەلقئارا ساھەدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملاشماقتا، بۇ يەردە ھەم سۈرىيە ھەمدە لىۋىيە مەسىلىلىرىگە قارىتا پوزىتسىيەلىرىمىزنى كۆزدە تۇتۇۋاتىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر