ئىراقنىڭ شىمالىدا ئىككى تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى
شىمالىي ئىراقنىڭ گارا رايونىدا بايقالغان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىككى ئەزاسى ھاۋا ھەرىكىتى نەتىجىسىدە بىر تەرەپ قىلىندى.
1703060
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى شىمالىي ئىراقنىڭ گارا رايونىدا ئىككى پ ك ك ئەزاسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا: «ئىزدە، تاپ، يوقات پاروللىرى بىلەن تېررورىستلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى يوقىتىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ كوردىناتسىيەسى ئاستىدا، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا بايقالغان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىككى ئەزاسى ھاۋا ھەرىكىتى نەتىجىسىدە بىر تەرەپ قىلىندى» دېيىلدى.