ئەردوغان: تۈركىيە خەلقى «سىۋاس قۇرۇلتىيى»نىڭ روھىغا ئاساسەن زەپەر قۇچتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە خەلقىنىڭ ھەر تۈرلۈك ئىمكانسىزلىقلار ئارىسىدا «سىۋاس قۇرۇلتىيى» دا نامايان قىلىنغان ئىرادە ۋە قەتئىيلىك بىلەن بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىنى قوغداپ، «مۇستەقىللىق كۈرىشى» نى زەپەر بىلەن نەتىجىلەندۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

1702436
ئەردوغان: تۈركىيە خەلقى «سىۋاس قۇرۇلتىيى»نىڭ روھىغا ئاساسەن زەپەر قۇچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «سىۋاس قۇرۇلتىيى» نىڭ 102 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيە خەلقىنىڭ مۇستەقىللىقى، بايرىقى ۋە ۋەتىنىدىن ئەسلا ۋاز كەچمەيدىغانلىقى پۈتكۈل دۇنياغا جاكارلانغان «سىۋاس قۇرۇلتىيى» نىڭ، تۈركىيە خەلقى ئۈچۈن تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە خەلقى ھەر تۈرلۈك ئىمكانسىزلىقلار ئارىسىدا <سىۋاس قۇرۇلتىيى> دا نامايان قىلىنغان ئىرادە ۋە قەتئىيلىك بىلەن بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىنى قوغداپ، <مۇستەقىللىق كۈرىشى> نى زەپەر بىلەن نەتىجىلەندۈردى؛ بىزمۇ بۈگۈنكى كۈندە ھەر بىر قەدىمىمىزنى <سىۋاس قۇرۇلتىيى> دا ماقۇللانغان ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسلىرىنى شەكىللەندۈرگەن قارارلارغا رىئايە قىلغان ھالدا تاشلاۋاتىمىز.»

تارىخى شانلىق زەپەرلەر بىلەن تولۇپ تاشقان تۈرك خەلقىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مۇستەقىللىقىنى جان تىكىپ قوغداپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن خىزمەت ئىشلەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئەزىز خەلقىمىزنىڭ ئىرادىسىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ، دۆلەت چېگرالىرى ئىچىدىكى  ۋەتەن تېرروتېرىيەسىنىڭ ھەر بىر سانتىمېتىرىنى جان تىكىپ قوغداپ، 2023-يىللىق ئۇلۇغۋار نىشانلىرىمىزغا يېتىش ۋە 2053- 2071-يىللىق ئىستىراتېگىيەلىك پىلانلىرىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۈيۈك ۋە قۇدرەتلىك تۈركىيە سەپىرىمىزنى ئىشەنچ بىلەن داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز، <سىۋاس قۇرۇلتىيى> نىڭ 102 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، غازى مۇستاپا كامالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق قەھرىمانلىرىمىزنى چەكسىز ھۆرمەت ۋە مىننەتدارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە ياد ئېتىمەن، قۇرۇلتايغا ساھىبخانىلىق قىلغان سىۋاس خەلقى ۋە بارلىق پۇقرالىرىمنى چىن دىلىمدىن قىزغىن سالاملايمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر