ئەردوغان: دۆلىتىمىز ئۈچۈن ئىشلىگەن خىزمەتلىرىمىزنى ئېيتىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يېقىنقى 19 يىل ئىچىدە تۈركىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى ئېيتىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1702476
ئەردوغان: دۆلىتىمىز ئۈچۈن ئىشلىگەن خىزمەتلىرىمىزنى ئېيتىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان، رىزەدە «سالارھا تۇنېلىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى» دا قىلغان سۆزىدە، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «چېگرا رايونلىرىمىزنى قوغداش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق جەنۇبىي رايونلىرىمىزنى قورشاۋ ئاستىغا ئېلىشنى مەقسەت قىلغان تېررورلۇق كارىدورىنى ۋەيران قىلدۇق، شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى،  يېقىنقى 19 يىل ئىچىدە تۈركىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا ئىشلىگەن خىزمەتلىرىمىزنى ئېيتىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.»

ئۇ يەنە، تۈركىيە ئارقىمۇئاقا باشتىن كەچۈرگەن سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ھۇجۇم دولقۇنلىرىدىن كېيىن، «كوۋىد – 19» يۇقۇمى ۋە تەبىئىي ئاپەتلەر ئارقىلىق چوڭ سىناققا دۇچ كەلگەنلىكى ھەم بۇ سىناقلارنىڭ ھەممىسىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر