ي ت ب قانۇن كەسىپلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا مۇكاپات تارقىتىدۇ

چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش خەلقلەر ئىدارىسى-ي ت ب (YTB) چەت ئەللەردە قانۇن كەسىپلىرىدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئەمەلگە ئاشۇرغان «قانۇن ساھەسىدە مۇتەخەسسىسلىك ئوقۇش مۇكاپاتى» غا سۇنۇلغان ئىلتىماسلارنى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى.

1697385
ي ت ب قانۇن كەسىپلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا مۇكاپات تارقىتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ي ت ب چەت ئەللەردە قانۇن كەسىپلىرىدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتقا ئاساسلانغاندا، چەت ئەللەردە قانۇن كەسىپلىرىدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى قوللاش، يېڭى ئەۋلاد قانۇنشۇناسلارنىڭ تۈركىيە جەمئىيىتىنىڭ قانۇنى مەسىلىلىرىگە بولغان تونۇشىنى كۈچەيتىش ۋە مۇتەخەسسىسلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە ئوقۇش مۇكاپاتى تارقىتىدۇ.

ئوقۇش مۇكاپاتى پىروگراممىسىغا قوشۇلغان تولۇق كۇرس، ماگېستىرلىق ۋە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ، ئوقۇۋاتقان دۆلەتنىڭ تۈركىيە جەمئىيىتىنىڭ خەلقئارالىق قانۇن، ياۋروپا ئىتتىپاقى قانۇنى، كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى، چەت ئەللىكلەر قانۇنى ۋە مەمۇرىي قانۇن ساھەسىدىكى ھەق-ھوقۇقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلار، دوكلاتلار، ماقالىلەر، قانۇن جەھەتتىن مەلۇمات بېرىش قاتارلىق ئىلمىي تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىشى پىلان قىلىنماقتا.

ئوقۇش مۇكاپاتى پىروگراممىسىغا، ئوتتۇرا مەكتەپنى چەت ئەلدە ئوقۇغان، 1991-يىلى يانۋار ۋە كېيىن تۇغۇلغانلار قوبۇل قىلىنىدۇ. پىروگراممىغا، گېرمانىيە، ئاۋستىرىيە، بېلگىيە، فىرانسىيە، گوللاندىيە، ئامېرىكا، ئاۋستىرالىيە، دانىيە، فىنلاندىيە، ئەنگلىيە، شىۋېيتسارىيە، ئىتالىيە، كانادا ۋە نورۋېگىيەدە قانۇن فاكۇلتېتلىرىدا تولۇق كۇرسنىڭ 3-يىللىق سىنىپىدا ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىلەن ماگېستىرلىق ۋە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقانلار ئىلتىماس قىلالايدۇ.

ئىلتىماسلار 2021-يىلى 31-ئۆكتەبىرگىچە «basvuru.ytb.gov.tr» ئادرېسى ئارقىلىق قوبۇل قىلىنىدۇ. پىروگرامما تەلەپلىرى ۋە تەپسىلىي مەلۇماتلارنى «www.ytb.gov.tr/hukukbursu» ئادرېسىدىن كۆرگىلى بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر