ئەردوغان ئافغانىستاندىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە توختالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئافغانىستاندىكى مەۋجۇدىيىتىنىڭ يېڭى ھاكىمىيەتنىڭمۇ خەلقئارا ساھەدە نوپۇزىنى كۈچەيتىپ، ئىشلىرىنى قولايلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1693690
ئەردوغان ئافغانىستاندىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە توختالدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بىر قىسىم خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ نەق مەيدان پىروگراممىسىدا كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا، تالىبان رەھبەرلىرىنى قوبۇل قىلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرىمۇ ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ پوزىتسىيەمىز ھازىرمۇ كۈچكە ئىگە، تالىبان رەھبەرلىرىنىڭ سوغۇققانلىق بىلەن بېرىۋاتقان ئىلمىي باياناتلىرىنى خۇرسەنلىك بىلەن قارشى ئېلىۋاتىمىز، ئافغانىستان خەلقىنىڭ ھۇزۇرى، بۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان تۈرك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تىنچلىقى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تەييارمىز.»

ئافغانىستاندىكى تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھېچقاچان ئۇرۇش قىلغۇچى كۈچ سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتىمىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بىز ئۇ يەردىكى ئەسكەرلىرىمىزنى ئەزەلدىن چەت ئەل كۈچى سۈپىتىدە كۆرمىدۇق ۋە ئىشلەتمىدۇق، تۈركىيەنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتى، يېڭى ھاكىمىيەتنىڭ خەلقئارا ساھەدە نوپۇزىنى كۈچەيتىدۇ ۋە ئىشلىرىنى قولايلاشتۇرىدۇ، نۆۋەتتە بىز (ھامىد كارزائى ئايرودۇرۇمىنىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە) بۇ ساھەدىكى يېڭى رېئاللىقلارغا ئاساسەن پىلانلىرىمىزنى تۈزۈۋاتىمىز، ئۇچرىشىشلىرىمىزنىمۇ بۇنىڭغا ماس ھالدا داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز، ھاكىمىيەت بېشىدا كىم بولسا بولسۇن، خۇشاللىق كۈنلەردىمۇ، مۇسىبەتلىك كۈنلەردىمۇ ئافغانىستاننى قوللاش ئەھدىگە ۋاپا قىلىش ۋە قېرىنداشلىقىمىزنىڭ تەقەززاسىدۇر.»

2021 – يىلى، 15 – ئاۋغۇست يەكشەنبە كۈنى، پايتەخت كابۇلنى قورشاۋ ئاستىغا ئالغان تالىبان، پىرېزىدېنت ئەشرەف غېنىنىڭ دۆلەتنى تەرك ئېتىشى ۋە ھۆكۈمەت كۈچلىرىنىڭ پايتەختتىن ئايرىلىشىدىن كېيىن، شەھەرنى توقۇنۇشسىز ھالدا كونترول ئاستىغا ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر