ئەردوغان غېنى ۋە رەئىسى بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى ۋە ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدە، «ئافغانىستاننىڭ تېگىشلىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى بالدۇرراق ئەمەلگە ئاشۇرالىشى ئۈچۈن دوست ۋە قېرىنداش ئافغانىستان خەلقىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقلىرىنى» بىلدۈردى.
ئەردوغان، ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدە، ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنى تەبرىكلىدى، ھەمدە تۈركىيە – ئىران مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق ھەمكارلىقنىڭ ھەر ساھەدە تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، دالا ئوت ئاپەتلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن ھال سورىغان ئافغانىستان ۋە ئىران رەھبەرلىرىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.