تاتارىستان پىرېزىدېنتى سودا مىنىستىرى مۇشنى قوبۇل قىلدى
تۈركىيە سودا ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت مۇش تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتى رۇستەم مىننىخانوۋ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.
1682303
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سودا ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت مۇش، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «قېرىنداش دۆلەت تاتارىسنىڭ قەدىمىي پايتەختى قازاندا تاتارىستىن پىرېزىدېنتى ھۆرمەتلىك رۇستەم مىننىخانوۋ ئەپەندىم ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچرىشىش ئېلىپ باردۇق.»