مۇغلادا 70 قانۇنسىز كۆچمەن نازارەتكە ئېلىندى
دېڭىز ساھىلى مۇھاپىزەت ئەترىتى مارمارىس دېڭىزىدا بىر توپ قانۇنسىز كۆچمەننىڭ بارلىقى توغرۇلۇق كەلگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن رايونغا يېتىپ باردى.
1681408
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دېڭىز ساھىلى مۇھاپىزەت ئەترىتى گىرېتسىيە تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە ئىتتىرىلگەنلىكى ئېنىقلانغان يەل كېمىدىكى 14 قانۇنسىز كۆچمەننى قىرغاققا ئېلىپ چىقتى.
ئورتاجا ناھىيەسىگە قاراشلىق دىشىبىلمەز بۇرنۇ رايونىدا چېگرادىن ئايرىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان 56 قانۇنسىز كۆچمەن نازارەتكە ئېلىندى.
جەمئىي70 نەپەر قانۇنسىز كۆچمەن رەسمىيەتلىرى بېجىرىلگەندىن كېيىن، ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.