ئەردوغان: « شەرتلىرىمىز قاندۇرۇلسا، كابۇل ئايرودورۇمىنىڭ باشقۇرۇلىشنى ئۆتكۈزۈۋىلىشنى ئويلىشىمىز»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «ئەگەر شەرتلىرىمىز قاندۇرۇلسا، تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن كابۇل ئايرودورۇمىنىڭ باشقۇرۇلىشىنى قولىمىزغا ئېلىشنى ئويلىشىمىز» دېدى.

1677799
ئەردوغان: « شەرتلىرىمىز قاندۇرۇلسا، كابۇل ئايرودورۇمىنىڭ باشقۇرۇلىشنى ئۆتكۈزۈۋىلىشنى ئويلىشىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «(كابۇل ئايرودورۇمىنىڭ بىخەتەرلىكى) ھازىر يېڭى بىر دەۋر گە كىرىش ئالدىدا تۇرىدۇ. بۇ يەردە 3 ئاساسلىق ھاكىم كۈچ بار. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى، ئامېرىكا ۋە تۈركىيە. ئامېرىكا چېكىنىشنى قارار قىلدى. ئەمما كابۇل ئايرودورۇمىنى 20 يىلدىن بۇيان بىز باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان بولغاچقا، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بىزنىڭ باشقۇرۇشىمىزنى تەلەپ قىلماقتا» دېدى.

ئەردوغان بۇ جەھەتتە ئامېرىكىغا شەرت قويغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بىز ھازىر بۇنىڭغا (يەنى تۈركىيەنىڭ كابۇل ئايرودورۇمىنى باشقۇرىشىغا) ئىجابىي قارىماقتىمىز. ئەمما ئىجابىي قاراش بىلەن بىرگە ئەلۋەتتە بىزنىڭ ئامېرىكىغا قارىتا بەزى شەرتلىرىمىز بار. بىرىنچىسى، ئامېرىكا دىپلوماتىيە جەھەتتىن بىز بىلەن بىللە بولىدۇ. ئىككىنچىسى، تىرانسپورت جەھەتتىكى ئىمكانىيەتلىرىنى بىز ئۈچۈن سەپەرۋەر قىلىدۇ. قولىدىكى تىرانسپورت كۈچىنى تۈركىيەگە تاپشۇرىدۇ. ئۈچىنچىسى، بۇ جەرياندا بۇ يەردە ئېغىر ئىقتىسادىي ۋە مەمۇرىي مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ. ئۇنداق چاغدا تۈركىيەگە كېرەكلىك ياردەملەرنى بېرىدۇ. ئەگەر بۇلار تەمىنلەنسە، بىز تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن كابۇل ئايرودورۇمىنى باشقۇرۇشنى قولىمىزغا ئېلىشنى ئويلىشىمىز» دېدى.

ئەردوغان تالىباننىڭ بەزى بىئاراملىقلىرى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «تالىبان بىلەن بۇ ئىشنى سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشىمىز مۇمكىن. تالىبانلار ئامېرىكا بىلەن بەزى سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بارغاندەك، مېنىڭچە تۈركىيە بىلەن سۆھبەتلىشىشنى تېخىمۇ راھەت ئېلىپ بارالىشى لازىم» دېدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر