تۈركىيەدە بۈگۈن 50 يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە «كوۋىد – 19» يۇقۇمى سەۋەبىدىن 50 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
1677554
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن بىر كۈندە سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن 226 مىڭ 513 كىشىنىڭ 7 مىڭ 667 نەپىرىدە يۇقۇم بايقالدى.
يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ بالنىستتىن چىققانلارنىڭ سانى 4 مىڭ 152 گە يەتتى.
تۈركىيەدە ھازىرغىچە ئەملەنگەن بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى شېشە ۋاكسىنا سانى 63 مىليون 680 مىڭ 206 گە يەتتى.