تۈركىيە «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى ئەڭ كۆپ ۋاكسىنا ئەملىگەن دۆلەت بولدى

تۈركىيە دۇنيا بويىچە «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى ئەڭ كۆپ ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن 8 – دۆلەت بولدى.

1677492
تۈركىيە «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى ئەڭ كۆپ ۋاكسىنا ئەملىگەن دۆلەت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، تۈركىيەدە ھازىرغىچە 63 مىليون 547 مىڭ 922 شېشە ۋاكسىنا ئەملەنگەن.

تۈركىيە ئەملەنگەن ئومۇمىي ۋاكسىنا سانى جەھەتتىن دۇنيا بويىچە 8 – قاتاردىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، ھەر 100 كىشىگە توغرا كېلىدىغان ۋاكسىنا سانى 75.21 ئىكەن.

38 مىليون 984 مىڭ 750 كىشىگە تۇنجى شېشە، 20 مىليون 919 مىڭ 746 كىشىگە ئىككىنچى شېشە ۋاكسىنا ئەملەنگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر