ئەردوغان «سۇنىڭ كۈچىنى مىللەت بىلەن ئۇچراشتۇردۇق» تېمىلىق ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «سۇيىمىزنى قوغداش بىلەن ۋەتىنىمىزنى قوغداشنىڭ ماھىيەتتە ھېچقانداق پەرقى يوق» دېدى.
1670382
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىدە «سۇنىڭ كۈچىنى مىللەت بىلەن ئۇچراشتۇردۇق» تېمىلىق ئاممىۋى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ سۇ بايلىقلىرىدىن ئەڭ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، «جەمئىي 277 مىليارد لىرالىق سېلىنما بىلەن 600 توسما، 423 كۆل، 590 سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى، 1445 سۇغىرىش ئەسلىھەلىرى ۋە 262 ئىچىملىك سۇ مۇئەسسىسەسىنى مۇلازىمەتكە سېلىش ئارقىلىق داستان ياراتتۇق» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.