ئەردوغان نەزەربايېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قازاقىستاننىڭ قۇرغۇچى پىرېزىدېنتى ۋە ئەلباشى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى.
1670799
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پىرېزىدېنت نۇرسۇلتان نەزەربايېۋغا تېلېفون قىلىپ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەنلىكىنى، ئۇنىڭغا سالامەتلىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.