ھاققارىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

ھاققارىدا ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1666923
ھاققارىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ھاققارىنىڭ شەمدىنلى رايونىدا چارلاش ۋە كۆزىتىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى، ئىران دائىرىلىرى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلغان ماس قەدەمدە تەقىب قىلپ زەربە بېرىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىندى. تېررورچىلارغا قارشى كۈرىشىمىز قەتئىي داۋاملىشىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر