تۈركىيە 1-ئىيۇلدىن باشلاپ نورماللىشىش باسقۇچىغا ئۆتىدۇ

تۈركىيە 1-ئىيۇلدىن باشلاپ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى تۇرۇش كۈرىشى دائىرىسىدە، تەدرىجىي نورماللىشىشنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچىغا ئۆتىدۇ.

1665872
تۈركىيە 1-ئىيۇلدىن باشلاپ نورماللىشىش باسقۇچىغا ئۆتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەدرىجىي نورماللىشىشنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچىغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەت چىقاردى، بۇ ھۆججەت 81 ۋىلايەتنىڭ ۋالىي مەھكىمىلىرىگە ئەۋەتىلدى.

بۇنىڭغا ئاساسەن، سىرتقا چىقىش ۋە شەھەرلەر ئارا قاتناش چەكلىمىلىرى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى (2021) دىن باشلاپ ئاخىرلىشىدۇ.

ھۆججەتكە ئاساسلانغاندا، تەدبىر دائىرىسىدە سودا پائالىيەتلىرىنى توختاتقان بارلىق سودا-تىجارەت ئورۇنلىرى ۋە كىنوخانىلار 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ قايتا ئېچىلىدىكەن.

7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، بارلىق سودا ئورۇنلىرى ئىجازەتنامىدىكى پائالىيەت دائىرىسىگە ئاساسەن بېكىتىلگەن ئېچىلىش-تاقىلىش ۋاقتى ئارىسىدا مۇلازىمەت قىلالايدۇ.

ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش دائىرىسىدە، تازىلىق، ماسكا ۋە ئىجتىمائىي مۇساپە قائىدىسىگە رىئايە قىلىنغان ھالدا، مېھمانخانىلاردىكى چەكلىمىلەر ۋە تەدبىرلەر توختىتىلىدۇ.

ئۆي ئىچى ۋە سىرتىدىكى يېمەك-ئىچمەك سورۇنلىرىدا، بىرلا ۋاقىتتا بىللە بولالايدىغانلارنىڭ سانىغا چەكلىمە قويۇلمايدۇ.

توي ۋە نىكاھ مۇراسىملىرىدا يېپىق جايلارغا قويۇلغان قاتناشقۇچىلار چەكلىمىسى بىكار قىلىنىدۇ، يېمەك-ئىچمەك بىلەن تەمىنلەشكە بولىدۇ.

كونسېرت، فېستىۋال، ياشلار دالا لاگېرى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە، بېكىتىلگەن پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىنغان ھالدا رۇخسەت قىلىنىدۇ.

باڭلادېش، بىرازىلىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، ھىندىستان، نېپال ۋە سىرى لانكا قاتارلىق دۆلەتلەردىن تۈركىيەگە كەلگەن كىشىلەر ۋە يېقىنقى 14 كۈندە بۇ دۆلەتلەردە تۇرغانلارنى مەجبۇرىي كارانتىن قىلىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ تۈركىيەگە كىرىشتىن كەم دېگەندە 72 سائەت بۇرۇنقى نەتىجىسى مەنپىي بولغان ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسى يېتەرلىك بولىدۇ.

ئافغانىستان ۋە پاكىستاندىن تۈركىيەگە كەلگەنلەر ۋە يېقىنقى 14 كۈندە بۇ دۆلەتلەردە تۇرغانلارنى مەجبۇرىي كارانتىن قىلىش مۇددىتى 10 كۈنگە قىسقارتىلىدۇ. ئەگەر كارانتىننىڭ 7-كۈنى سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي بولسا، مەجبۇرىي كارانتىن قىلىش ئاخىرلىشىدۇ. ئەگەر سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت بولسا، سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى كۆرسەتمىسى بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر