تۈركىيە قىبرىسقا ۋاكسىنا يوللاشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە يەنە 50 مىڭ قۇتا سىنوۋاك ۋاكسىنىسى يوللىدى.

1665098
تۈركىيە قىبرىسقا ۋاكسىنا يوللاشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) غا تاقابىل تۇرۇش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە يەنە 50 مىڭ قۇتا سىنوۋاك ۋاكسىنىسى يوللىدى.

ۋاكسىنىلار شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

بۇ قېتىمقى ۋاكسىنىلارنى قوشقاندا تۈركىيەنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە يوللىغان جەمئىي ۋاكسىنىسى 340 مىڭ قۇتىغا يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر