ئاكار ئافغانىستان توغرىسىدا ئامېرىكا ھەيئىتى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار ئافغانىستاندىكى ھامىد كارزايى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنى قوغداش ئىشلىرى توغرىسىدا ئامېرىكا ھەيئىتى بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1663521
ئاكار ئافغانىستان توغرىسىدا ئامېرىكا ھەيئىتى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار ئافغانىستاندىكى كابۇل ھامىد كارزايى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنى قوغداش ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكادىن بىر تېخنىكىلىق ھەيئەتنىڭ ئەتە (2021-يىلى 24-ئىيۇن) تۈركىيەگە كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئافغانىستاندىىك مەۋجۇتلۇقىمىزنى داۋام قىلىش ياكى داۋام قىلماسلىق توغرىسىدا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. ھەممە ئىش ئافغانىستان خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە پاراۋانلىقى ئۈچۈندۇر» دېدى.

ئۇ باياناتىدا: «ئافغانىستان بىلەن بىزنىڭ يۈز يىللارغا تۇتىشىدىغان تارىخى، مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىمىز بار. ئافغانىستان خەلقى بىزنىڭ قېرىندىشىمىز. قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇ يەردىكى خاتىرجەملىكى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن 20 يىلدىن بۇيان باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق. بولۇپمۇ، يېقىنقى ئالتە يىلدا كابۇلدىكى ھامىد كارزايى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ باشقۇرۇلۇشى ۋە تېخنىكىلىق جەھەتتىن قوللاشتا كۈچىمىزنىڭ بېرىچە غەيرەت قىلدۇق» دېدى.

ئۇ ھامىد كارزايى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ نۇرغۇن ساھەلەردىكى ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ: «ئايرودۇرۇمنىڭ خىزمەت بېرىشى ئافغانىستان خەلقىگە پايدىلىق. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. بىزمۇ باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئۇچرىشىشلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. ئەتە ئامېرىكا ھەيئىتى بىلەن كۆرۈشىمىز. بىرلىكتە ئافغانىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە ۋە پاراۋانلىقىغا قانداق ھەسسە قوشالايدىغانلىقىمىز ئۈستىدە ئىزدىنىمىز. ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە، بۇ خىزمەتلەر ئاخىرلاشقاندا، قانداق تەدبىرلەرنى ئالىدىغانلىقىمىز توغرىسىدا پىلان تۈزۈلىدۇ» دېدى.

ئۇ بۈگۈن (2021-يىلى 23-ئىيۇن) رۇسىيە ئايروپىلانىنىڭ ئەنگلىيە پاراخوتىغا ئاگاھلاندۇرۇپ ئوق چىقارغانلىقى توغرىسىدىمۇ توختالدى.

ئۇ : «بۇ ئىشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىشكە تىرىشىۋاتىمىز. بىر قانچە سائەت ئىچىدە ئېنىق ئۇچۇر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئەھۋالنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر