ب د ت تۈركىيە ۋەكىلى: توقۇنۇشلارلا بولىدىكەن، مۇساپىرلار مەسىلىسى مەۋجۇت بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى تۈركىيە ۋەكىلى فىلىپپې لېكلېرك، توقۇنۇشلار داۋاملىشىدىغانلا بولسا، مۇساپىرلارمۇ مەۋجۇت بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1663394
ب د ت تۈركىيە ۋەكىلى: توقۇنۇشلارلا بولىدىكەن، مۇساپىرلار مەسىلىسى مەۋجۇت بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىلىپپې لېكلېرك «20 – ئىيۇن دۇنيا مۇساپىرلار كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۆتكەن يىلىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا مەجبۇرىي يۇرت – ماكانلىرىدىن مەھرۇم قىلىش ئەھۋالى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشقان توققۇزىنچى يىل بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن لېكلېرك: «ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى يىللىق دۇنيا ۋەزىيىتى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، كوۋىد – 19 يۇقۇمىغا قارىماي، 2020 – يىلى ئۇرۇشلار، زوۋارانلىق ۋەقەلىرى، زۇلۇم ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىدىن قاچقانلار سانى 82 مىليون 400 مىڭغا يەتتى» دېدى.

ئۇ، 18 ياشتىن تۆۋەن قىز – ئوغۇللارنىڭ مەجبۇرىي يۇرت – ماكانلىرىدىن مەھرۇم قىلىنغانلار ئومۇمىي نىسبىتىنىڭ %42 ىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.

لېكلېرك، دۆلەتلىرىنى تاشلاپ باشقا يەرلەرگە كېتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالغانلارنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىدىن كۆپرەكىنىڭ پەقەت سۈرىيە، ۋېنېزۇئېلا، ئافغانىستان، جەنۇبىي سۇدان ۋە بىرمالىقلار ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، تۈركىيەنىڭ تەخمىنەن 3 مىليون 700 مىڭى سۈرىيەلىك بولۇپ، جەمئىي 4 مىليون مۇساپىرغا ئارقا – ئارقىدىن يەتتە يىلدىن بۇيان ساھىبخانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «توقۇنۇشلار داۋاملىشىدىغانلا بولسا، مۇساپىرلارمۇ مەۋجۇت بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. مۇساپىرلىق مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇشى سىياسىي چارىلەرنى تېپىپ چىقىشنى تەقەززا قىلىدۇ.» دېدى.

تۈرك خەلقى ۋە رەھبەرلىرىنىڭ مەرتلىكى ۋە مېھماندوستلۇقىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن لېكلېرك، مۇساپىرلارنى قوغداش، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ۋە ياردەم بېرىش قاتارلىق بارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ۋە سۆھبەت مەسىلىسىدە تۈركىيە ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا ھەمدەم بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىسىنى تەكرارلاپ: «مۇساپىرلار كىرىزىسىغا مۇداخىلە قىلىش ۋە مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىش دۇنياۋى، شۇنداقلا ئورتاق مەسئۇلىيەت. يۇرت – ماكانىدىن مەھرۇم قىلىنىش مۇشەققىتىنى يېڭىش بىرلا دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيىتى بولماسلىقى لازىم» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر