ئىزمىردا نۇرغۇن كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

ئىزمىرنىڭ دىكىلى ۋە قارابۇرۇن ناھىيەلىرىدە گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 51 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1662442
ئىزمىردا نۇرغۇن كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابى ئەترەتلىرى، دىكىلى ناھىيەسىنىڭ بادەملى دېڭىز ساھىللىرىدا بىر گۇرۇپپا كۆچمەننىڭ كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال رايونغا يېتىپ بېرىپ، گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 21 كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالدى.

قارابۇرۇن ناھىيەسى دېڭىز ساھىللىرىدىمۇ 31 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

كۆچمەنلەر رەسمىيەتلىرىنىڭ تاماملىنىشىدىن كېيىن، ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

بالىكەسىرنىڭ ئايۋالىق ناھىيەسى دېڭىز ساھىللىرىدىمۇ 49 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابى ئەترەتلىرى، مادەن ئارىلىرى ساھىللىرىدا بىر گۇرۇپپا تەرتىپسىز كۆچمەننىڭ كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال رايونغا يېتىپ بېرىپ، گىرېتسىيە ساھىل بىخەتەرلىك ئەترەتلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 49 كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر