تۈركىيە-ئىسپانىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇزاكىرەلىرى يىغىنى بۈگۈن ئېچىلىدۇ

تۈركىيە بىلەن ئىسپانىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى تەرەپلىك مەسىلىلەر ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇزاكىرەلىرى يىغىنى بۈگۈن (2021-يىلى 21-ئىيۇن) سىنلىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

1661759
تۈركىيە-ئىسپانىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇزاكىرەلىرى يىغىنى بۈگۈن ئېچىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈركىيە بىلەن ئىسپانىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى تەرەپلىك مەسىلىلەر ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇزاكىرەلىرى يىغىنى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، تۈركىيە بىلەن ئىسپانىيە ئوتتۇرىسىدىكى سىنلىق يىغىننىڭ، مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرىغا مەسئۇل باش ئەلچى فارۇق قايماقچى بىلەن ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ھەمكارلىق مىنىستىرلىقىنىڭ كاتىپى خۇەن گونزالېز باربا (Juan Gonzalez Barba) نىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، مۇزاكىرەلەر جەريانىدا «تۈركىيە-ئىسپانىيە 7-قېتىملىق ھۆكۈمەتلەرئارا يىغىنى» نىڭ تەييارلىقلىرى ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بارلىق تەرەپلىرى مۇزاكىرە قىلىنىشتىن باشقا، تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى رامكىسىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر