ئەردوغان-بايدىن كۆرۈشۈشى ئاخىرلاشتى

ناتو ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلغا يېتىپ بارغان تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن كۆرۈشتى.

1657933
ئەردوغان-بايدىن كۆرۈشۈشى ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان بىلەن بايدىننىڭ ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە ئەمەلگە ئاشقان كۆرۈشۈشى 45 مىنۇت داۋاملاشتى. ئەردوغان-بايدىن ئايرىم كۆرۈشۈشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈلدى. رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ناتو مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنلارنى، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون بىلەن باشلىغان بولۇپ، ئارقىدىن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ۋە گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكىس قاتارلىق رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشتى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن (2021-يىلى 13-ئىيۇن) ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان، لىتۋانىيە پىرېزىدېنتى گىتاناس ناۋسېدا ۋە لاتۋىيە پىرېزىدېنتى ئېگىلس لېۋىتىس بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر