ئەردوغان بىريۇسسېلدا ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىشنى باشلىدى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقىلار يىغىنى ئۈچۈن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلغا يېتىپ بارغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھەرقايسى رەھبەرلەر بىلەن ئايرىم- ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزمەكتە.

1657605
ئەردوغان بىريۇسسېلدا ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىشنى باشلىدى
johnson-erdogan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانناتو  باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە، ئالدى بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن ناتو مەركىزىدە ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە كۆرۈشتى.

ئەردوغان ئاندىن ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون ۋە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن ئايرىم- ئايرىم كۆرۈشتى.

ئەردوغان يەنە، گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىتسوتاكىس بىلەن كۆرۈشىدۇ.

تۈركىيە ۋاقتى 18.00 دە ھەممىنىڭ دىققىتى ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئۇچرىشىشىدا بولىدۇ. ئەردوغان ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.

ئەردوغان تۈنۈگۈن (2021-يىلى 13-ئىيۇن) ناتو باشلىقلار يىغىنى دائىرىسدە، ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان، لىتۋانىيە پىرېزىدېنتى گىتاناس نائۇسا ۋە لاتۋىيە پىرېزىدېنتى ئېگىلس لېۋىتس بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر