تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرى غەلىبىلىك داۋاملاشماقتا
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدا داۋاملاشتۇرۇاتقان پەنچە – چاقماق زەربە بېرىش ھەرىكىتى رايونىدىكى بىر ئۆڭكۈردە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1656524
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى قەھرىمانلارچە ۋە پىداكارلارچە ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.