ئىزمىردا 21 پاناھلانغۇچى قۇتقۇزۇۋېلىندى

ئىزمىرنىڭ دىكىلى ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدە گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان 21 پاناھلانغۇچى قۇتقۇزۇلۇپ قۇرۇقلۇققا چىقىرىلدى.

1646427
ئىزمىردا 21 پاناھلانغۇچى قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى قوماندانلىقى خادىملىرى، ناھىيە دېڭىز تەۋەلىكىدىكى بىر كېمىدە بىر تۈركۈم پاناھلانغۇچىلارنىڭ بارلىقى توغرىسىدىكى مەلۇم قىلىش ئۇچۇرىغا ئاساسەن، نەق مەيدانغا قۇتقۇزۇش كېمىسى يوللاپ، گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغانلىقى ئېنىقلانغان 21 پاھلانغۇچىنى قۇتقۇزۇۋالدى.

قۇرۇقلۇققا چىقىرىلغان پاناھلانغۇچىلار، مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەر بىجىرىلگەندىن كېيىن كۆچمەن ئىدارىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر