ئاغار: تېررورچى سوفى نۇرەتتىننىڭ ئۇجۇقتۇرۇلۇشى ئامېرىكانىڭ رايوندىكى ئويۇنىنى بۇزدى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيە مەسئۇلى سوفى نۇرەتتىننىڭ ئۇجۇقتۇرۇلۇشىغا يېقىنقى يىللارنىڭ ئەڭ ھەل قىلغۇچ زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرى دەپ باھا بېرىلمەكتە.

1641475
ئاغار: تېررورچى سوفى نۇرەتتىننىڭ ئۇجۇقتۇرۇلۇشى ئامېرىكانىڭ رايوندىكى ئويۇنىنى بۇزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررور ۋە خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى ئابدۇللاھ ئاغار، تۈركىيەنىڭ بۇ قەدىمىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رايوندىكى ئويۇنىنى قانداق بىتچىت قىلىپ تاشلىغانلىقىنى ئانالىز قىلدى.

«سوفى نۇرەتتىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى <تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەمەس> دېگەن پ ي د – ي پ گ نىڭ سۈرىيە مەسئۇلى ئىدى» دېگەن ئاغار، «بىراق، تۈركىيە بۇ ھەرىكەتنى ئىراقتا ئېلىپ باردى. باشقىچە ئېيتقاندا، پ ك ك تولۇق ھۆكۈمران بولۇۋاتقان ئورۇندا ئېلىپ باردى. ھەتتا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئەسنادا تېررورچى سوفى نۇرەتتىن پ ك ك نىڭ رايوندىكى ئەڭ مۇھىم رەھبىرى ھېسابلىناتتى. گارا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلار ئۇنىڭغا قاراشلىق ئىدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پ ك ك دىن پەرقلىق دەپ قاراۋاتقان بىر تەشكىلاتنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق ئادىمىنى، پ ك ك نىڭ (ئىراقنىڭ شىمالىدىكى) ساھەسىدە، پ ك ك ئەزالىرىغا رەھبەرلىك قىلىۋاتقان پەيتتە بىر تەرەپ قىلدۇق. بۇ ئىنتايىن ھەل قىلغۇچ بىر قەدەم. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رايوندىكى تىيارىتىنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋېتىدىغان بىر قەدەم» دېدى.

ئابدۇللاھ ئاغار يەنە، مەزكۇر زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ يالغۇز پ ك ك غىلا ئەمەس، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايوندىكى باشقا ئاكتىيورلارغا ۋە ئەمەلىي مەيداندىكى ئوخشاش بولمىغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغىمۇ روشەن ئۇچۇرلارنى بەرگەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر