تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قاتار قىزىلئاي جەمئىيىتىنى بومباردىمان قىلىشىنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە، ئىسرائىلىيەنىڭ قاتار قىزىلئاي جەمئىيىتى غەززە مەركىزىي بىناسىنى بومباردىمان قىلىشى ۋە شەيخ ھەمەد بىن خەلىفە ئال سانى دوختۇرخانىسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
1641346
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى باش ئەلچى تانجۇ بىلگىچ بۇ ھەقتىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «خەلقئارالىق ئىنسانىي ھەق – ھوقۇقنىڭ ئوچۇق – ئاشكارا دەپسەندە قىلىنىشى بولغان بۇ ئەپسۇسلىنارلىق ھۇجۇملار نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن مەغپىرەت، يارىلانغانلارغا تېز شىپالىقلار تىلەيمىز. دوست ۋە قېرىنداش قاتار دۆلىتى ۋە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېدى.