چاۋۇشئوغلۇ سەئۇدى ئەرەبىستانغا يېتىپ باردى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا يېتىپ باردى.

1637552
چاۋۇشئوغلۇ سەئۇدى ئەرەبىستانغا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سەئۇدى ئەرەبىستانغا يېتىپ بارغانلىقىنى تۋىتتېردىن ئۇقتۇردى.

ئۇ: «ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە مەسجىدى ئەقسادىكى ھۇجۇملارنى ۋە پەلەستىن خەلقىگە قارىتىلغان زۇلۇملارنى ئاساس قىلغان ھالدا مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا كەلدۇق» دېدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتىنىڭ ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغانلىقى ۋە مەنسەپدېشى شاھزادە فايسال بىن فارھان بىن ئابدۇللاھ ئەل سۇئۇد بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر