گىرېتسىيە تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلىغان ئونلارچە كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

بالىكەسىرنىڭ ئايۋالىق ناھىيەسىدە گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان 39 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1634144
گىرېتسىيە تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلىغان ئونلارچە كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى قوماندانلىقى خادىملىرى، گۈنەش ئارىلى تەۋەلىكىدىكى بىر كامېر كېمىدە بىر تۈركۈم تەرتىپسىز كۆچمەنلەرنىڭ بارلىقى توغرىسىدىكى مەلۇم قىلىش ئۇچۇرىغا ئاساسەن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغانلىقى ئېنىقلانغان 39 كۆچمەننى قۇتقۇزۇپ قۇرۇقلۇققا ئېلىپ چىقتى.

كۆچمەنلەر مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەر بېجىرىلگەندىن كېيىن ئايۋالىق ناھىيەلىك چەت ئەللىكلەرنى قايتۇرۇۋېتىش مەركىزىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر