تۈركىيەدە ئاپرېل ئېيىدىلا 49 ى دائېش ئەزاسى، جەمئىي 115 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىسمائىل چاتاكلى ئاپرېلدا 8 نەپەر ئاتالمىش يۇقىرى دەرىجىلىك تېرورچىنى قوشقاندا، جەمئىي 115 تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىسمائىل چاتاكلى، «ئايلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» دا، ئىچكى بىخەتەرلىك ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە يېزا -قىشلاقلاردا، 2021-يىلى ئاپرېلدا، 9 ى چوڭ، 34 ى ئوتتۇرا تىپتىكى ھەرىكەتلەر بولۇپ، جەمئىي 9341 قېتىم ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، بۇنىڭدىن باشقا يەنە تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ شەھەرلەردىكى مەخپىي قۇرۇلما مەركەزلىرىگە ۋە ھەمكارلاشقۇچىلىرىغا قارىتا 1418 ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىسمائىل چاتاكلى: «ئاپرېلدا 8 نەپەر ئاتالمىش يۇقىرى دەرىجىلىك تېرورچىنى قوشقاندا، جەمئىي 115 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى. 16 ئۆلۈك، 2 سى يارىدار، 72 سى ساق ۋە 25 ى تەسلىم بولغان ھالەتتە قولغا چۈشۈرۈلدى. ئۇجۇقتۇرۇلغانلاردىن 66 سى پ ك ك / ك ج ك ئەزاسى، 49 ى دائېش ئەزاسى تېرورچىلاردۇر. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ياردەم بەرگەن ۋە ساقلىغان 2527 گۇماندار نازارەتكە ئېلىندى. بۇلاردىن 448 كىشى قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە يوللاندى»دېدى.