مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت لىۋىيەدە مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولماقتا

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى لىۋىيە باش مىنىستىرى ئابدۇلھەمىد دىبەيبە تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.

1633189
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت لىۋىيەدە مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ تىۋىتتېر ھېسابىدا تىرابلۇستا دىبەيبە بىلەن ئۆتكۈزۈگەن ئۇچرىشىشى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ، «دۆلىتىمىزنىڭ مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدۇق »دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئۇچرىشىشتا يەنە، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشىدىكى مەسىلىلەرگە ئالاقىدار تېمىلارنى مۇزاكىرىلەشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ،  تۈركىيە شىركەتلىرىنىڭ لىۋىيەگە قايتىپ كېلىپ، لىۋىيەنىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن مەنسەپدىشى نەجلا ماڭگۇش بىلەن چاقىرغان بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، «بىز لىۋىيەنىڭ پۈتۈنلۈكى، ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە سىياسىي بىرلىكىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر