مىنىستىر ئاقار شىمالىي ئىراق ھاۋا ھەرىكىتى قوماندانلىق مەركىزىنى زىيارەت قىلدى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، ئىراقنىڭ شىمالىدا داۋاملىشىۋاتقان پەنچە- شىمشەك ۋە پەنچە – يىلدىرىم ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەسكىشەھىردىكى ھاۋادىن زەربە بېرىش قوماندانلىق مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.

1632633
مىنىستىر ئاقار شىمالىي ئىراق ھاۋا ھەرىكىتى قوماندانلىق مەركىزىنى زىيارەت قىلدى
akar eskişehir.jpeg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، پەنچە- شىمشەك ۋە پەنچە – يىلدىرىم ھەرىكەتلىرى جەريانىدا، بىرى ئاتالمىش رايون مەسئۇلى بولۇپ، يەنە جەمئىي يەتتە تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، ئىراقنىڭ شىمالىدا داۋاملىشىۋاتقان پەنچە- شىمشەك ۋە پەنچە – يىلدىرىم ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەسكىشەھىردىكى ھاۋادىن زەربە بېرىش قوماندانلىق مەركىزىنى زىيارەت قىلىپ، خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى.

ئۇ ئەسكىشەھىردىكى جەڭچى ھاۋا قىسىملىرى قوماندانلىق مەركىزىدىكى زىيارىتى جەريانىدا سۆز قىلىپ، پەنچە- شىمشەك ۋە پەنچە – يىلدىرىم ھەرىكەتلىرى جەريانىدا يەنە بىرى ئاتالمىش رايون مەسئۇلى بولۇپ جەمئىي يەتتە تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى، دېدى.

شۇنىڭ بىلەن، پەنچە- شىمشەك ۋە پەنچە – يىلدىرىم ھەرىكەتلىرى جەريانىدا بىر تەرەپ قىلىنغان جەمئىي تېررورچى سانى 51 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر