ئەردوغان «قۇتئۇلئەمارە» شېھىتلىرىنى ئەسلىدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈرك ئارمىيەسى مىسلىسىز داستانى — قۇتئۇلئەمارە زەپىرىنىڭ 105 يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن قەھرىمان شېھىتلەرنى ئەسلىدى.
1631117
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قۇتئۇلئەمارە زەپىرىنىڭ 105 - خاتىرە كۈنىدە شېھىتلەرنى ئەسلىدى؛ ئۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا تارقاتقان ئۇچۇرىدا: «مىللىتىمىز يازغان مىسلىسىز داستان — قۇتئۇلئەمارە زەپىرىنىڭ 105 – يىلىدا قەھرىمان شېھىتلىرىمىزنى مىننەتدارلىق بىلەن ئەسلەيمەن» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.