ئىسمائىل دەمىر بلىنكېننىڭ «س - 400» توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى

تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى باشلىقى ئىسمائىل دەمىر ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ «س – 400» توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى.

1630515
ئىسمائىل دەمىر بلىنكېننىڭ «س - 400» توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى باشلىقى ئىسمائىل دەمىر ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ «س – 400 سېتىۋېلىش ئامېرىكانىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ» دېگەن سۆزلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇپ: «بىز كېرەكلىك تەدبىرلەرنى يولغا قويىمىز دېدۇق، ئەمما بۇ ھەقتە ھېچقانداق دىيالوگ ئۆتكۈزۈلمىدى. بۇنىڭدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

ئىسمائىل دەمىر بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ سۆھبەت پىروگراممىسىدىكى سۆزلىرى ئەسناسىدا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ «رۇس س – 400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئامېرىكانىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ. تۈركىيە ۋە پۈتكۈل ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ رۇسىيە مۇداپىئە سىستېمىلىرىدىن يىراق تۇرۇشى ناھايىتى مۇھىم» دېگەن سۆزلىرى توغرىسىدىمۇ توختالدى.

تۈركىيەنىڭ ئامېرىكانىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويغان دەمىر: «بىز قايتا – قايتا بۇنى بىزگە ئىزاھلاپ بېرىڭلار، بىزنى قايىل قىلىڭلار، نېمىدىن ئەندىشە قىلساڭلار، بىز ئىتتىپاقداشلىق روھى ئىچىدە بىر قەدەم تاشلايمىز، دېدۇق. مەن بىر يىغىنىدا (ئامېرىكا) دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سابىق مەسلىھەتچىسى جون بولتونغا <تېخنىكىلىق جەھەتتە بىزنى قايىل قىلىشىڭلار كېرەك، بىزگە بۇنى چۈشەندۈرۈش مەجبۇرىيىتىڭلار بار> دېدىم. ئۇ <توغرا دەيسىز، سىلەرگە چۈشەندۈرۈش مەجبۇرىيىتىمىز بار، بىز بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىمىز> دېدى. شۇ كۈندىن بېرى چۈشەنچە بېرىلىشىنى كۈتۈۋاتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ، ئانتونى بلىنكېننىڭ تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئىشىنىپ مۇشۇنداق دېگەن بولۇشىنىڭ مۇمكىنلكىنى ئەسكەرتىپ: «ئەمما بىز بۇ ئۇچۇرلارنى يەتكۈزگەن كىشىلەرنىڭ قانچىلىك سەمىمىي ئىكەنلىكىدىن ۋە قايسى پارامېتىرلارنى بىلىدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىمىز. سۆزلەشكەن چېغىمىزدا <بىز تېگىشلىك تەدبىرلەرنى يولغا قويىمىز> دېدۇق، ئەمما، بۇ ھەقتە ھېچقانداق دىيالوگ ئۆتكۈزۈلمىدى. بۇنىڭدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر