تۈركىيە ياسىن يىلدىرىمنىڭ ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇرلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ياۋۇز سەلىم قىران، فىرانسىيەدىكى بىر شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەجلىسىنىڭ تۈرك ئەزاسى ياسىن يىلدىرىمنىڭ ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇرلىنىشىنىڭ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان قىلمىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1629743
تۈركىيە ياسىن يىلدىرىمنىڭ ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇرلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ياۋۇز سەلىم قىران، فىرانسىيەدە ئەرمەن تېررورلۇق تەشكىلاتى — ئاسالانىڭ ھۇجۇمىدا شېھىت بولغان تۈرك دىپلوماتلىرى خاتىرىلەنگەن بىر ئۇچۇرنى ياقتۇرغان تۈرك شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەجلىسى ئەزاسى ياسىن يىلدىرىمنىڭ ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇرلىنىشىنىڭ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان قىلمىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ياۋۇز سەلىم قىران تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، ئەرمەن تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇملىرىدا شېھىت بولۇپ كەتكەن تۈرك دىپلوماتلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر كۆرۈنۈشنى ياقتۇرغان ۋالېنس شەھەرلىك ھۆكۈمەتتە كومىتېت ئەزالىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ياسىن يىلدىمنىڭ ئىستېپا بەرگۈزۈلگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

پۇرسەتلا تاپسا پىكىر ئەركىنلىكى توغرىسىدا دەرس بىرىشكە ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلارنىڭ، ئاراملىرىنى بۇزۇپ قويىدىغان پاكىتلارغا دۇچ كەلگەندە، ھەر خىل زۇلۇملارنى قىلىشنى ئۆزلىرىنىڭ يوللۇق ھوقۇقى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن قىران: «ئاسالا تېررورلۇق تەشكىلاتى شېھىت قىلىۋەتكەن دىپلوماتلىرىمىزنى ياد ئەتكەن بىر سىياسىيوننىڭ ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇرلىنىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېدى.

فىرانسىيەنىڭ ۋالېنس شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەجلىسىدە كومىتېت ئەزاسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ياسىن يىلدىم، ئىنىسى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ھەمبەھىرلىگەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «ئەرمەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا شېھىت بولغان دىپلوماتلىرىمىز» ناملىق فوتو – سۈرىتىنى ياقتۇرغاندىن كېيىن، ئەرمەن جەمئىيەتلىرىنىڭ بېسىم ۋە شىكايەتلىرىگە دۇچ كەلگەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى نىكولاس داراگون يىلدىرىمدىن ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

يىلدىرىم بېسىملار سەۋەبىدىن خىزمىتىدىن ئىستەپا بېرىشكە مەجبۇر بولدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر