ئەنگلىيە بىلەن دانىيەدىن تۈركىيەگە ئايروپىلان سەپەرلىرى باشلىنىدۇ

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى بىلال ئەكشى ئەنگلىيە بىلەن دانىيەدىن تۈركىيەگە ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ يېڭىدىن باشلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1626114
ئەنگلىيە بىلەن دانىيەدىن تۈركىيەگە ئايروپىلان سەپەرلىرى باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەكشى، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئەنگلىيە بىلەن دانىيەدىن تۈركىيەگە ئايروپىلان سەپەرلىرى يېڭىدىن باشلىنىدۇ. شىركىتىمىز تەرىپىدىن چىقىرىلغان قارارغا ئاساسەن، ئەنگلىيە ۋە دانىيەدىن 72 سائەت ئىچىدە PCR تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن يولۇچىلارنىڭ تۈركىيەگە كېلىشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئايروپىلان سەپەرلىرىمىزنى تەقىب قىلىشىڭلارنى ئۆتىنىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر