تۈركىيە - ئافغانىستان - پاكسىتان ئۈچ تەرەپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئىستانبۇلدا چاقىرىلىدۇ

تۈركىيە – ئافغانىستان – پاكىستان ئۈچ دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئەتە ئىستانبۇلدا چاقىرىلىدۇ.

1626290
تۈركىيە - ئافغانىستان - پاكسىتان ئۈچ تەرەپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئىستانبۇلدا چاقىرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئەتە چاقىرىلىدىغان تۈركىيە – ئافغانىستان – پاكىستان ئۈچ تەرەپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا، ئافغانىستان تىنچلىق مۇساپىسىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر بىلەن بىرلىكتە خەۋپسىزلىك، ئېنېرگىيە، مۇناسىۋەت، تەرتىپسىز كۆچمەنلىك دېگەنگە ئوخشاش ئۈچ دۆلەت ئارىسىدىكى ھەمكارلىق ساھەلىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئافغانىستان ۋە پاكىستانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن ئايرىم – ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈشىنىڭ پىلانلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغىمۇ ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر